دۆلەت رەئىسى شى جىنىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 17:55:24

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇتېرد رەھبەرلىكىدىكى شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا شى جىنپىڭ يەنە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدۇ.

فىرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى چۇراپ كىلاس مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنىپىڭنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ مۇھىم يارقىن نۇقتىسى.

47-نۆۋەتلىك داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقىنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدۇر.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有