رۇسىيە يىراق شەرىق رايونىغا يادرو قورالى ئۇرۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 16:58:03

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ياپونىيە يۇمىئۇرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە جانلىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2006-يىلى ياپونىيە قورۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ياپون دېڭىزىدا ھەرىكەت قىلىش سانىدا روشەن كۆپيىش كۆرۈلگەن، بۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە قىسىملىرى يېقىلغۇ ۋە ئوق-دورا يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بىر مەھەل توختاپ قالدى. ئەمما يېقىندا ئىقتىسادنىڭ تەرققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە قىسىملىرى قايتىدىن جانلىنىپ، خۇددىي V خەت شەكلىگە ئوخشاش قايتا تىرىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ مەقسىدى مەشىق قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىش.

ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئەسكەرتىش بېرىپ يەنە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە يىراق شەرىق رايونىغا يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆلەملىك ئۇرۇش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇردى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有