ۋېنېسۇئېلا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 16:40:06

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنېسۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسى 11-يانۋار ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋالغان مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ مادورۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلاش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى قانۇنسىز دېگەن ھەمدە زۇڭتۇڭنىڭ پارلامېنتقا يىللىق دوكلات بەرمەسلىكىگە رۇخسەت قىلغان.

ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى زۇڭتۇڭ مادورۇنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ۋېنېسۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسى مەملكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ زۇڭتۇڭنى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دەپ قارىغان: يېقىندىن بۇيان پارلامېنت يىغىنىدا قارار قىلىنغان بارلىق ئىشلار كۈچكە ئىگە ئەمەس، چۈنكى پارلامېنت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى ھۆرمەت قىلمىدى ھەمدە قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى.

سوت مەھكىمىسى نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مادورۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا يىللىق دوكلات بەرمەسلىكىگە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئادىمى مادورۇغا ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن يىللىق دوكلات بېرىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有