ھىندىستاندا ھاۋا بۇلغىنىشى ھەر يىلى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 16:13:39

يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى مەلۇم بىر مۇھىم ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستاندىكى تارمىقىنىڭ 11-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ھىندىستاندا ھەر يىلى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.

مەزكۇر مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ھىندىستاندىكى 24 شىتاتتىكى 168 شەھەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ھىندىستاندا ھەر يىلى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ھاۋا بۇلغۇنىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ھىندىستان ئېغىر مۇھىت ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.

ھىندىستاندىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر جاي يېڭى دېھلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئۈچ شەھەر ئوتتارا ئىشتاتىغا مەركەزلەشكەنبولۇپ، ئۇلار چازئاباد، ئالاھاباد ۋە بارالىلاردۇر.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有