ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن قاتتىق ھېزى بولماقتا

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 13:02:05

يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چاۋشيەننىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا ھاۋاينىڭ سىرتىغا چاۋشيەننىڭ بارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆزىتەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق رادار ئورۇنلاشتۇردى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قارىماققا تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنىدىغان گولف توپ شەكىللىك رادار ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ بارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن، ئامېرىكا بۇ رادارغا تايىنىپ چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى بېكىتىدىكەن ھەمدە زۆرۈر بولغاندا ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر 10-يانۋار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ناۋادا چاۋشيەننىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە ئۈچ دۆلەتكە خەۋپ ئېلىپ كەلسە، بىز ئۇنى توسۇۋالىمىز. ناۋادا بۇ بومبىلارنىڭ تەھدىت سېلىش ئېھتىماللىقى بولمىسا، بىز ئۇنى توسمايمىز، مۇشۇنداق بولغاندا بىزگە تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有