رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايروپىلانى نېمە سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتتى؟

مەنبە: خېشۈن تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 12:41:15

خېشۈن تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردەر ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قارا دېڭىز ئاستىدىن سۈزىۋېلىنغان تۇ-154 بەلگىلىك ۋەقەگە يولۇققان ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىغا ئاساسەن ئايروپىلاننىڭ پارتلاش سەۋەبىنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر تېررورلۇق ھۇجۇمغىما مۇناسىۋەتلىك ئىزنالارنى بايقىمىغان ھەمدە بۇنداق ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىش ئېھتىماللىقىغا قاراتقان.

رۇسىيە قاتناش مىنىستىرى سوكولوف بۇندىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۇ-154 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ئاساسلىق ئېھتىماللىق دەپ قارالمىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئايروپىلاندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزنالار بايقالمىدى، دېگەن.

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تۇ-154 ناملىق بىر ئايروپىلانى قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 92 ئادەمنىڭ ھەممىسى بەختكە قارشى قازا قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有