ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر كۈچلۈك قار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 10:46:47

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر يېقىندىن بۇيان ئۇدا قار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، سېربىيە پايتەختى بېلگىرادتا زور بىر تۈركۈم مۇساپىر قاتتىق سوغۇقتا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەقسىملەنگەن ماددىي ئەشيانى ئالغىلى كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسقا چۈشۈپ، 25 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بېلگىرادىكى زور بىر تۈركۈم مۇساپىر كۈچلۈك قارغا پەرۋا قىلماي، بىر ئىسكىلاتنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە يېمەكلىك ۋە قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى تارقىتىپ بېرىلىشىنى ساقلاپ تۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق سوغۇقتا سېربىيەدە بىر ئاتا-بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. سۇ يۈزى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دوناي دەرياسىدىكى 900 كىلومېتىرلىق سۇ يولىنىڭ تاقالغانلىقىنى جاكارلىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有