رۇسىيە تىرامپقا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 09:43:35

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

شۇ جاي ۋاقتى 11-يانۋار رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى فىسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيەنىڭ تىرامپقا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپقا رۇسىيەنىڭ خاككېرلار ھۇجۇمى قوزغاش ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىقىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى سۇنغاندا، رۇسىيەنىڭ تىرامپقا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن بىر پارچە دوكلاتنى قوشۇمچە قىلىپ قويغان.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى فىسكوف شۇ كۈنى بۇ ئىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يالغان، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، بىمەنە سەپسەتە. رۇسىيەدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت گۇرۇھى مەۋجۇت ئەمەس، تىرامپ ۋە ياكى ھىلارى بولسۇن رۇسىيە باشقىلارنى ھاقارەتلىمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ماتېرىيالىنى يىغمايدۇ.

فىسكوف يەنە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيە ۋە رۇسىيە خەلقى، يەر شارىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتى رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有