راستىنلا 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلامدۇ؟

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 09:26:24

يەر شارى تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئەنگلىيە YouGov شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى 9 دۆلەتتە بىر تۈرلۈك ئەلرايى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالار يەر شارى 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى گىرۋەكلىرىگە يېقىنلىشىپ قالدى دەپ قارايدىكەن.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرى 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %64 زىيارەت قىلىنغۇچى دۇنيا زور كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش بوسۇغىسىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان، پەقەت %15 زىيارەت قىلىنغۇچىلا بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پارتلاش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇش تېررورىزم تەھدىتى، سۇرىيە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %61 زىيارەت قىلىنغۇچى مۆلچەرلەپ، 3-قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىغان، پەقەت %19 زىيارەت قىلىنغۇچىلا بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولغان.

YouGov شىركىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېگەن: فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇش ۋەھىمىسى تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قورقۇشى تىرامپنىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسىنىڭ تۇراقسىزلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قورقۇۋاتقىنى تېررورىزم تەھدىتى، %81 زىيارەت قىلىنغۇچى فىرانسىيەدە ئۇزۇنغا قالماي يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有