ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازالاش قانۇن لايىھەسى يەر شارى ئىقتىسادىغا زىيان سالىدۇ

مەنبە: يەر شارى ۋاقىت گېزىتى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 09:08:37

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

شۇ جاي ۋاقتى 10-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش يۈزىسىدىن، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا رۇسىيەگە قاراتقان جازالاش تەدبىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇردى. بۇ مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 5 نەپەر رۇسىيەلىك شەخسكە جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق رۇسىيەگە قارشى ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى فىسكوف 11-يانۋار ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئېنېرگىيە تارماقلىرى تولۇقلىما بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگوسىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىقتىسادى ئېمبارگوسى رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىغا زىيان سالىدۇ.

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىدە رۇسىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادى ساھەلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلار شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كان مەھسۇلاتلىرى ۋە تونېل قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش، ھەتتا رۇسىيەنىڭ پۇقراۋى يادرو ئەسلىھە ۋە شەخىسلەشتۈرۈلگەن تۈرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ جازالاش تەدبىرلىرى پەقەت رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەت ۋە پۇقرالارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، يەنە باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىگىمۇ قارىتىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有