تىرامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-12 09:05:09

شىنخۇا تورى 12-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ 11-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە دېموكراتلار پارتىيەسىگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇندىن ئىلگىرى ئۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنى ئىزچىل قوبۇل قىلماي كەلگەن ئىدى.

شۇ كۈنى تىرامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن نىيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: خاككېرلار ھۇجۇمى مەسىلىسىدە مەن بۇنى رۇسىيەنىڭ قىلمىشى دەپ قارايمەن، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن ئامېرىكىنى ئىزچىل نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى نەچچە كۈن ئىلگىرى تىرامپقا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى دوكلات قىلغاندا، بىر مەخپىي دوكلاتنىڭ ئارقىسىغا ئىككى پارچە مۇھىم مەزمۇننى قىستۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا تىرامپنىڭ رۇسىيەدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ تىرامپنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە مالىيە ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تىرامپقا قارا سۈركەيدىغان ماتېرىياللارغا ئېرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有