Nokia 6 رەسمىي يوسۇندا بازىرىغا سېلىندى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 19:01:08

شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى يەنى بۈگۈن نۇرغۇنلىغان نوكىيا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خاتىرىلەشكە ئەرزىگۈدەك بىر كۈن بولدى، HMD شىركىتى ئېلان قىلغان نوكىيانىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئاندورىت سىستېمىسىدىكى Nokia 6 يانفونى توكيودا ھەقسىز ئالدىن زاكاز قىلىش ۋە 66 يۈەن زاكالەت پۇلى ئېلىپ ئالدىن سېتىش باشلاندى.

Nokia 6 دىمۇ نوكىيانىڭ ھۈنەر-سەنئەت ۋە لايىھەلەشتىكى قاتتىق ئۆلچىمىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، 6000 لىق ئاليۇمىن قېتىشمىسى ئىشلىتىلدى، 55 مىنۇتلۇق سىلىقلاشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى قېتىملىق مۇسبەت قۇتۇپلۇق ئوكسىدلاپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە 5 قېتىمدىن كەم بولمىغان ئالماستا كېسىشتىن ئۆتكۈزۈلدى، 12 سائەتلىك ئىنچىكە نەقىش ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى كىشىگە چىرايلىق ۋە سىپتا تۇيغۇ بېرىدىغان Nokia 6 بارلىققا كەلدى. ئېسىل ماتېرىيال ۋە ئالاھىدە ھۈنەر سەنئەت Nokia 6 نى بازاردا قۇرۇلمىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئەڭ يۇقىرى يانفونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى كۆپ خىللاشقان مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有