گوللاندىيەدە پويىزلار %100 شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ ماڭىدىكەن

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 17:39:03

شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئەنگلىيە مۇھاپىزەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى گوللاندىيە تۆمۈر يول شىركىتى بۇ دۆلەتتىكى بارلىق پويىزلارنىڭ پۈتۈنلەي شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، گوللاندىيە يەر شارىدىكى تۇنجى %100 پاكىز ئېنېرگىيەلىك تۆمۈر يول تورى قۇرغان دۆلەت بولۇپ قالغان.

گوللاندىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ باياناتچىسى تونبۇن مۇنداق دېگەن: 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق پويىزلىرى %100 شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ ماڭىدىغان بولدى ...... ئەمەلىيەتتە بىز بىر يىل ئىلگىرىلا بۇ نىشانغا يەتكەن. گوللاندىيەدىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسنىڭ كۆپىيىشى گوللاندىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گوللاندىيە تۆمۈر يول شىركىتى ئىككى يىل ئىلگىرى گوللاندىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىگە خېرىدار بولۇپ، 10 يىللىق كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمدە بۇ پىلان 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有