تىرامپ بىلەن مايۈننىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىسىدىكى سودا تەلىماتى

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 16:18:11

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى تىرامپ شۇ جاي ۋاقتى 9-يانۋار، نىيۇ-يوركتا جۇڭگو كارخانىچىسى ئەلىبابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال سۆھبەتلەشكەن، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولغان، تىرامپ ما يۈن بىلەن «چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلايلى» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى تىرامپ شۇ جاي ۋاقتى 9-يانۋار، نىيۇ-يوركتا جۇڭگو كارخانىچىسى ئەلىبابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىككىيلەن ناھايىتى خۇشال سۆھبەتلەشكەن، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولغان، تىرامپ ما يۈن بىلەن «چوڭ چوڭ ئىشلارنى قىلايلى» دېگەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ بىلەن ما يۈن سۆھبەتلەشكەندە، ئەلىبابا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ما يۈن مەن تىرامپ بىلەن ئىجادىي خاراكتېرىلىك ئۇچراشتىم، سۆھبىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كىچىك كارخانا ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى جەھەتكە مەركەزلەشتى دېگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بۇ بىر «خۇشال» كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت بولغان، ئەمما بۇنى جۇڭگو ئامېرىكا كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت دەپ قاراپلا قالماستىن، يەنە تىرامپ مەزگىلىدىكى جۇڭگو بىلەن بېرىش كېلىش قىلىش پىكىر يولىدىن بېرىلگەن بىر سىگنال دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. سىياسىي سەھنىدىكى سىياسىي تەجرىبىسى يوق كىشىگە نىسبەتەن، تىرامپنىڭ ئەتراپىدا بىر قىسىم ئالى مەسلىھەتچىلەر ئۇنىڭغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما سودىلىشىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن سودىگەر تەپەككۇرىنىڭ تىرامپ دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ «ئامېرىكا بىرىنچى» ، ئىقتىسادىي پىشاڭدىن پايدىلىنىپ باشقا ئىشلارغا تەسىر قىلىمىز دەپ تەكىتلىگەندە، «سودا تەلىماتى» تەبىئىيكى مۇرەككەپ بولغان سىياسىي ھەل قىلغۇچ تەدبىرگە ئىنچىكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالدا، دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان جۇڭگو تەبىئىلا «زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ» ئاساسلىق سودا شېرىكىگە ئايلىنىدۇ. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90- يىللىرىدا تىرامپ يازغان «سودا قىلىش سەنئىتى» دېگەن كىتاب تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگوغا كىرگۈزۈلگەن، تىرامپ 2006-يىلىدىن باشلاپلا جۇڭگودا سودا قىلىشنى پىلانلىغان ئىكەن، سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ ھازىرغىچە، تىرامپ جۇڭگوغا نۇرغۇن ئاچچىق گەپلەرنى قىلدى، مەسىلەن «جۇڭگو ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى تارتىۋالدى» دېدى، تەيۋەن مەسىلىسىدە «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا» خىرىس قىلىش قاتارلىقلار، ئەمما بۇ خىل سۆز ھەرىكەتلەر ماھىيەتتە ئۇ ۋەزىپىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن بېرىش كېلىش قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىش، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سالغان دەسمايىلىرى خالاس.

مەيلى ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتۇقىدىن بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ تۋېتتېردە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن بولسۇن، تىرامپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ يادروسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلغان بولۇپ، «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ۋە ھەربىي ئەمەلى كۈچىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي نۇقتا ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرمەكچى، «ئامېرىكىنى قايتىدىن قۇدرەت تاپقۇزماقچى» ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تىرامپ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش پىرىنسىپىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن ئۇ جۇڭگو بىلەن ئالاقە باغلىغاندا، «دىپلوماتىيە سىياسىتى» گە مۇقەررەر ھالدا «سودا تەلىماتى» سىڭدۈرۈلىدۇ.

شۇڭا، بىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن «ما يۈن» بىلەن مۇشۇنداق خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلاشقانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. ئاشكارا ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، ئەلىبابانىڭ پېيى 2014-يىلى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا بىر قانچە ساھەگە مەبلەغ سالغان، بۇ، بىرلىشىپ ئاپتوموبىل كىرا قىلىش مۇلازىمىتى، ۋىدېئولۇق تېلېفونلىشىش، ئەشيا ئوبوروتى، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. ما يۈن ئىلگىرى نىيۇ يوركتا سۆز قىلىپ، ئەلىبابا گۇرۇھى ئامېرىكا بازىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگوغا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئامېرىكا كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېگەن ئىدى. تىرامپ يېقىندا ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى، ۋال كوچىسىنىڭ ئادۋوكاتى كىلايدون ئىلگىرى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا پاي سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلىبابانىڭ 2014-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ پېيىنى بازارغا سېلىش پائالىيىتىمۇ بار. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈمىدى دېمىسەكمۇ ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك.

نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، ئىقتىسادى ئېكسپورت، سىرتقا يۈزلىنىشتىن ئىچكى ئىستېمالغا بۇرۇلۇش ياسىماقتا. بۇ جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىنى مۇقەررەر زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىدۇ. مەيلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش بولسۇن ۋە ياكى خەلقئارا ئىشلارنى ھەل قىلىشتا بولسۇن زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور بازار ۋە مەسئۇلىيەتچان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان چوڭ دۆلەتتىن ئايرىلالمايدۇ.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى رېئال مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاقىلانە تاللاش ھازىر، تىرامپ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغانغا يەنە 10 كۈنچە ۋاقىت قالدى. ئۇنىڭ ما يۈن بىلەن سودا ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندىكى خۇشال كەيپىياتىنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بېرىش كېلىش قىلىشىدىكى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بېرىش كېلىش قىلغاندا «دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزگە» ئازراق «سودا تەلىماتىنى» ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇمايمىز.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有