ئىراننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رافسانجانىنىڭ دەپنە مۇراسىمى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 16:16:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئەكبەر ھاشىم رافسانجانىنىڭ دەپنە مۇراسىمى 10-يانۋار تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە ئون مىڭ ئىرانلىق پۇقرا تېھران ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامېنىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رافسانجانىنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى.

رافسانجانى 8-يانۋار كېسەل سەۋەبى بىلەن تېھراندا 82 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئىراننىڭ سىياسىي مۇنبىرىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەربابلارنىڭ بىرى ئىدى. رافسانجانى ئىلگىرى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ ئالىي رەھبىرى ھومېينىينىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، زۇڭتۇڭ، پارلامېنىت باشلىقى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىلىرى كۆپەيمەكتە

    ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشىكارلىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىغا نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بازىسى قۇرۇپ بولغان.

  • سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئەپلىشىشكە تەييارلىنىپ قويدى

    سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايسالنىڭ 14- ماي ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دېپلوماتىيە ۋەزىرى فايس...

  • دارغا ئېسىلىپ ئۆلمەي قالغان قاتىل

    جازا ئىجرا قىلىنغاندىكى بىرىنچى سىكونت خۇددى بىر يىلدەك تۇيۇلدى ، پۇت - قوللىرىم تارتىشىپ ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى مەن نەپەس ئالماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۆپكەم خۇددى ئوراپ قويغان سۇلياۋدەك بولۇپ قالغاچقا ، نەپەس ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم

  • ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەسكە توختىدى

    ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، بىراق سۆھبەتتە ئىلگىرلەشلەر بولماستىن، سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر بىر بىرنى ئەيىبلەشكە باشلىدى

  • ئېراننىڭ مانېۋېرلىرى كۆپىيىپ قالدى

    ئېران قوراللىق قىسمى يېقىندا پارىس قولتۇقىدىكى ھاۋا مۇداپىيە رايونىدا چوڭ كۆلەملىك ھاۋا مۇداپىيە مانېۋېرى ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇش تەييارلىقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەزكۈر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ھەمدە ئاراللىرىدىن ئۆتكەن دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئا...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有