چاۋشيەن 10 دانە يادرو ئوق بېشى ياسىيالايدۇ

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 13:20:03

شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان «2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دا چاۋشيەننىڭ يادرو ئوق بېشى ياساپ چىققىلى بولىدىغان 50 كىلوگىرام پلوتۇنىغا ئىگە بولغانلىقى، قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە يادرو ئوق بېشى ياساش ئىقتىدارى ۋە يادرو ئوق بېشىنى كىچىكلىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

كورېيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 11-يانۋار بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن نىڭبيەندىكى يادرو ئەسلىھەسىدە كەم يېقىلغۇ تاياقنى كۆپ قېتىم قايتا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق 50 كىلوگىرام پىلوتۇنىغا ئېرىشتى. 2008-يىلدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا چاۋشيەننىڭ 40 كىلوگىرامدىن ئارتۇق پىلوتۇنىغا ئېرىشكەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، 8 يىلدىن كېيىن چاۋشيەن ئېرىشكەن پىلوتۇنى يەنە 10 كىلوگىرام كۆپەيگەن. بىر دانە يادرو قورالى ياساش ئۈچۈن 4-6 كىلوگىرام پىلوتۇنى كېتىدۇ، مۇشۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا چاۋشيەن 10 دانە يادرو قورالى ياسىيالايدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: چاۋشيەننىڭ يەنىمۇ كۆپ يادرو ماددىسىغا ئېرىشىش پىلانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئەمما ئاق تاشلىق كىتابتا چاۋشيەن ئېرىشكەن قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ مۆلچەر قىممىتى تىلغا ئېلىنمىغان. يادرو ئوق بېشىنى كىچىكلىتىش تېخنىكىسىغا قارىتا، ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى بىلەن بىر خىل بولۇپ، پەقەت يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەنلىكىلا تىلغا ئېلىنغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有