گۇتېرىس توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 12:35:01

شىنخۇا تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 10-يانۋار مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە بايلىقنى سەرىپ قىلىپ، زور بەدەل تۆلىدى، بۇندىن كېيىن چوقۇم ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

بۇ گۇتېرىسنىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى «توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سىجىل تىنچلىق» تېمىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنى ئاچتى. گۇتېرىس يىغىندا مۇنداق دېدى: توقۇنۇش ھوقۇق ۋە بايلىق مەنبەسىنى تارتىۋېلىش، نائادىللىق، چەتلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كېلىمات ئۆزگىرىشى، نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى، جىنايەت ۋە تېرورىزىمنىڭ يەر شارىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有