رۇسىيە تىرامپقا پايدىسىز ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەن تۇرۇقلۇقمۇ ئاشكارىلىمىغان

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 12:04:39

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CNN)نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىدىكى تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما ۋە بولغۇسى زۇڭتۇڭ تىرامپنى مەخپىي دوكلات بىلەن تەمىنلىگەن. ئاخبارات تارماقلىرىدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تەمىنلىگەن دوكلاتتا، رۇسىيەنىڭ تىرامپقا پايدىسىز ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەن تۇرۇقلۇقمۇ ئاشكارىلىمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر دوكلاتنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىلاپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بېرېنان، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روجرېس قاتارلىقلار بىرلىشىپ تاپشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاخباراتلار ئەنگلىيە ئاخبارات ئاپپاراتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاخباراتنىڭ مەنبەسى رۇسىيەنىڭ ئاخبارات خادىملىرى، ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى، نۆۋەتتە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئاخباراتنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى ۋە تىرامپقا مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ھالقىلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ».

بۇ ئىككى پارچە مەخپىي دوكلات ئامېرىكىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى» توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، نۆۋەتتە پەقەت ئوباما، تىرامپ ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم قانۇن چىقارغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەگە ئاخبارات تارماقلىرى گەرچە ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەگە پايدىسىز ئاخباراتلارنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پەقەت ھىلارىغا پايدىسىز ئاخباراتلارنى ئاشكارىلىغان. CNN نىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىككى بەتلىك دوكلاتنىڭ مەزمۇنى 35 بەتلىك ماتېرىيالنىڭ ئۈزۈندىسىكەن، ئۈزۈندىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە تىرامپنى تەربىيەلەش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، قوللاشقا كەم دېگەندىمۇ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، تىرامپنىڭ ئۆمىكى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有