ئامېرىكا خەلقى ئوبامانىڭ يەنە 4 يىل زۇڭتۇڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

مەنبە: خەلقئارا لىنىيە تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 12:01:38

خەلقئارا لىنىيە تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 10 دا ئوباما چىكاگودا ۋىدالىشىش نوتۇقى سۆزلىگەن، ئۇ نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا نەق مەيداندىكى ئامما يۇقىرى ئاۋازدا: يەنە 4 يىل زۇڭتۇڭ بولغىن، دېگەن.

ئوبامانىڭ ۋىدالىشىش نوتۇقى رەھمەت ئېيتىش بىلەن باشلاندى، ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇنى ئىزچىل سەمىمىي بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلغانلىقىغا، ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەنلىكىگە ھەمدە ئۇنىڭغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرى.

ئوباما يەنە مۇنداق دېگەن: مەن چىكاگوغا كەلگەندە ئەمدىلا 20 ياشتا ئىدىم، مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ كىملىكى، ھاياتىمدا قانداق نەتىجىلەرنى قازىنىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتاتتىم، چىكاگوغا ئانچە يىراق بولمىغان يېپىق ھالەتتىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تەسىرىدە مەن ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدىم، مەن ئىتىقادنىڭ كۈچىگە ۋە ئۈزلۈكسىز تىركىشىۋاتقان ئاشۇ ئىشچىلار قاتلىمىنىڭ قەدىر-قىممىتىگە شاھىد بولدۇم.

ئۇ نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا نەق مەيداندىكى ئامما بىردەك ئاۋازدا: يەنە 4 يىل زۇڭتۇڭ بولغىن، دېگەن. ئەمما ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، دېگەن. ئوباما يەنە ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有