تىرامپ رۇسىيەنىڭ ئادىمىمۇ؟

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 10:48:01

يەر شارى تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئاخبارات تارمىقىنىڭ 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوباما ۋە تىرامپنى مەخپىي دوكلات بىلەن تەمىنلىگەن. ئاخبارات تارمىقىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دوكلاتتا رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تىرامپقا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىلاپېر، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى برېن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روجىس بىرلىكتە تاپشۇرغان ئىكەن. بۇ دوكلاتتىكى ئاخباراتنى ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى تەمىنلىگەن، ئۇچۇر مەنبەسى رۇسىيە ئاخبارات خادىمى بولۇپ، ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەن. نۆۋەتتە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئاخباراتنىڭ راستلىقى، توغرىلىقى ۋە تىرامپقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

بۇ ئىككى پارچە مەخپىي دوكلات ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ تولۇقلىما دوكلاتى بولۇپ، ھازىرچە پەقەت ئوباما، تىرامپ ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغىلا يەتكۈزۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنى ئىككى پارتىيەگە پايدىسىز ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پەقەت ھىلارىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنىلا ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى پارچە دوكلات 35 بەتلىك مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ مۇھىم مەزمۇنلاردا رۇسىيەنىڭ تىرامپنى ئاز دېگەندە 5 يىل تەربىيەلىگەنلىكى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى كۆرسىتىلىگەن، ئەمما تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكى ھازىرغا قەدەر بۇ دوكلات توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有