ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن نەچچە 100 دانە مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەردى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 09:44:32

جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىكى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا رېئاكتىپ ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن سىناق تەرىقىسىدە 103 دانە مىكرو تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى F/A-18 دەرجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە ناملىق 3 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن Perdix ناملىق 103 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، Perdix ناملىق بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئەڭ دەسلەپتە ماسساچۇسېتىس شىتاتلىق تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، 2013-يىلى ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپ بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى سىناق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قانىتىنى يايغاندىكى ئۇزۇنلىقى 30 سانتىمتېىر بولۇپ، ئۇ ئۆز ئالدىغان ئۇچالايدىكەن، ئەمما بىر دانە تەقسىم قىلىش كومپيۇتېرىدىن تەڭ بەھرىلىنىدىكەن. ھەربىي ئىشلار ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالالايدىكەن، شۇڭلاشقا ئۇلارنى رازۋېدكا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有