تايلاند جۇڭگودىن VT-4 تىپلىق تانكا سېتىۋالىدۇ

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 09:09:36

يەر شارى تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باڭكۇك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: تايلاند قورۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى چالىرىمچاي سىتىسات تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن تانكا سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى، ئۇكرائىنا تەرەپتە ئىشلەپچىقىرىشتا مەسىلە كۆرۈلگەچكە، ئۇكرائىنادىن Oplot ناملىق تانكا سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 49 دانە Oplot ناملىق تانكا بىلەن تەمىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن، بۇ خىل تانكىنى سېتىۋېلىش سانىنى ئازايتقان، ئىگىلىنىشىچە بۇ كېلىشىم 2011-يىلى تۈزۈلگەن ئىكەن. 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ خاركوفتىكى مارشوف زاۋۇتى تايلاندنى پەقەت 20 دانە تانكا بىلەنلا تەمىنلىيەلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تايلاند دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پراۋېت ۋوڭسۇان جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە جۇڭگو شىمال سانائەت شىركىتى بىلەن 28 دانە VT-4 تىپلىق تانكا بىلەن تەمىنلەش توختامى تۈزۈدىكەن، توختامدا كەلگۈسىدە سېتىۋېلىنىدىغان تانكا سانىنى كۆپەيتىش ئېھتىماللىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有