تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاۋۋال ئەنگلىيە بىلەن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-11 08:52:21

جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى يوھانسون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاۋۋال ئەنگلىيە بىلەن يېڭى سودا كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يوھانسون يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك ۋە ۋاشىنگتون رايونىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپنىڭ ئۆتكۈنچى ئۆمىكىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ئىككى پالاتادىكى مۇھىم شەخسلەر بىلەن سۆزلەشكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مول ھوسۇللۇق سەپەر بولغانلىقىنى ئېيتقان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۆك يوھانسون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تىرامپ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېڭى سودا سۆھبىتى ئۈستىدە سۆزلەشكەندە ئەنگلىيەنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوباما ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئەنگلىيە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلسا، سودا سۆھبىتى توغرىسىدا قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئەنگلىيەنى قايتىدىن رەتكە تىزىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يوھانسون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئاڭلىشىمچە ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكتە بىز 1-ئورۇندا ئىكەنمىز، شۇڭلاشقا بۇ يىل ھەر ئىككى دۆلەت تولىمۇ ھاياجانلاندى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有