ياپونىيەدە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان ئەڭ كىچىك راكېتا ياسالدى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 13:06:46

يەر شارى تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

ياپونىيە ئالەم ئاۋىئاتسىيە تەتقىقات ئورگىنى JAXA مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى پۇيۈ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش مەركىزىدە ئىستولبا چوڭلۇقۇدىكى كىچىك تىپتىكى راكېتا «SS-520» نى كۆرگەزمە قىلدى. ياپونىيە كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ راكېتا سۈنئىي ھەمراھنى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگۈزەلەيدىغان يەر شارىدىكى ئەڭ كىچىك راكېتا ئىكەن. بۇ راكېتا 11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ياساپ چىققان كىچىك تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئېلىپ ئاسمان بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ راكېتانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 10 مېتىر، دىئامېتىرى 0.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 2.6 توننا كېلىدىكەن. JAXA ھازىرقى ئىككى ئۈگىلىك راكتېرنى ئۈچ ئۈگىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنى كىچىك تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا كىرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئېگە قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ راكېتانىڭ ياساش ۋە قويۇپ بېرىش تەننەرخى 30 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有