تىرامپ كۈيئوغلىنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 12:51:57

يەر شارى تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان تىرامپنىڭ كۈيئوغلى كۇشنا ئاقسارايىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئىش ھەققى ئالمايدىكەن. فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكى تىرامپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كۇشنا سودا ۋە سىياسىي ساھەدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

تىرامپ تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: كۇشنا مېنىڭ ئۆمىكىمدە خىزمەت قىلىدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىمدا ئۇ تەڭداشسىز قىممەتكە ئېگە. كۇشنا تىرامپنىڭ چوڭ قىزى ئىۋانىكانىڭ ئېرى، كەلگۈسىدە ئۇ قېيناتىسىنى سودا كېلىشىمى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە تەكلىپ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە يەنە ئاقسارايدىكى مەسلىھەتچىلەر باشلىقى پورى پېرىس بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ.

كۇشنا ئارقىدىنلا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: دۆلەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئەمما كۇشنا تىرامپنىڭ سايلام پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق سىياسىي تەجىربىگە ئېگە بولمىغان، بىراق ئۇ بۈگۈنكى كۈندە كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلەر چەمبىرىكىگە كىردى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有