ئامېرىكا رۇسىيەگە ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 10:36:52

جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە ئومۇميۈزلۈك ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى يوھان مەيكېن ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بېنجېمىن فېكىست ۋە روبېرت مېنىندىز بۇ پىلاننى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى «ماگىنىتىسكى قانۇنى» غا ئاساسەن بەش نەپەر رۇسىيە پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇلار رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالېكساندىر باستىرىكېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 6-يانۋار بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ئىش توغرىسىدا ھەر قانداق پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى رەت قىلدى. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئاخبارات تارماقلىرى رۇسىيەنىڭ سايلامغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا مەخپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تېلېۋىزىيە خەۋىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ %50 تىنىڭ رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有