تىرامپ رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 09:17:15

جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكى رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىرامپ ئاقساراي ئىشخانا مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەن پېربۇس تىرامپنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە دېموكراتلار پارتىيەسى مەجلىسىگە قول تىققانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق پېربۇس تىرامپنىڭ پۇتىن بۇ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلدى دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىغان.

بۇ تىرامپ ئۆتكۈنچى ئۆمىكىنىڭ رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى تىرامپ رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى ۋە رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ تىرامپنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有