ئوباما بۈگۈن ئاقسارايدىن ئايرىلىش سەپىرىنى باشلايدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 09:12:54

جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا ۋاقتى 10-يانۋار كەچتە ئوباما چىكاكودا ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ، 8 يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ تىرامپ دەۋرىگە كىرىدىغان 10 كۈنلۈك تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇندىن ئىلگىرىكى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئوق-دورا پۇرىقى ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى تىرامپ تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۆرۈشىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتتى، ئوباما بولسا ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىمۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تىرامپقا قارشى تۇردى. شەنبە كۈنى نەچچە مىڭ چىكاكو خەلقى قاتتىق سوغۇققا قارىماي تاڭ سەھەردىلا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئوبامانىڭ ۋىدالىشىش نۇتۇقىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋالدى. ئانالىزچىلار مۇنداق دېدى: بۇ ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تۆۋەن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن بولدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر «ياخشى ئادەم» ئوبامانىڭ دەۋرىنى تېخىمۇ سېغىندى. ئەپسۇسكى ئوبامانىڭ ئەمەلىي كۈچى يېتەرسىز بولۇپ قالدى، ئەمما ئاقساراي ئەمەلىي كۈچكە تايىنىدىغان ئورۇن، پەقەت نۇتۇق سۆزلەپلا ھەممە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جىن شەنگۇاڭ 9-يانۋار يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: گەرچە كىلىنتون ئەر-ئايال تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنسىمۇ، بىراق ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى پارچىلىنىش تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. بىر مۇقىمسىز تىرامپ ۋە پارچىلانغان ئامېرىكا، پۈتكۈل دۇنيا دەككە-دۈككە ئىچىدە 1-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有