كوتىدى ئىۋۇئېر زۇڭلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېتى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 09:10:14

شىنخۇا تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

كوتىدى ئىۋۇئېر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 9-يانۋار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زۇڭلى دانېل كابلان دانكېن ۋە ئۇنىڭ ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: دانكېل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى ۋە ئىچكى كابېنتىغا ۋاكالىتەن ئىستېپانامە تاپشۇردى، زۇڭتۇڭ ۋاتالا زۇڭلىنىڭ ئىستېپانامىسى ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى ھەمدە دانكېلدىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملىق ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

2016-يىلى 12-ئايدا كوتىدى ئىۋۇئېردا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى، دانېكلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى كوتىدى ئىۋۇئېر خەلق پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. ئاساسىي قانۇن بۇيىچە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن پارلامېنت ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەشكە بولمايدۇ. ھازىرچە يېڭى زۇڭلى ۋە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有