رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-10 09:07:09

شىنخۇا تورى 10-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى فىسكوف 9-يانۋار مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمى قوزغاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، رۇسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ تور ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلىدۇ.

فىسكوف يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ دوكلات تولىمۇ غەلىتە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ھېچقانداق يېرى يوق. رۇسىيە تەرەپ بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ تور ھۇجۇمى بىلەن باغلىنىش ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئىنكار قىلىدۇ، رۇسىيە بۇ خىل سۆزلەردىن قاتتىق زېرىكتى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىلىك ئىشخانىسى 6-يانۋار بىر پارچە دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىقىپ، ئاممىنىڭ ئامېرىكىچە دېموكراتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ غەلىبە قىلىش ئىستىقبالىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىراق تىرامپ شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有