ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىپ چىقىدۇ

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 14:19:40

جۇڭگو ئاخبارات تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا مى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆھبەت جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق بازىرىغا كىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

تىرسا مى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كىشىلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا يەنىلا بەلگىلىك ئەزالىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئەمما ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، ئەنگلىيە يەنىلا سودا جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەڭ ياخشى كېلىشىم تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تىرىسا مى ئۆزىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى نۇقتىئىنەزەرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن چېگرانى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلايدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有