ئامېرىكا كىم جوڭئېننى يوقىتىدىغان ئالاھىدە ئەترەت قۇرۇپ چىقىدىكەن

مەنبە: كۆزەتكۈچى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 13:30:07

كۆزەتكۈچى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىن يېڭى يىللى تەبرىك خېتىدە چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى، چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كورېيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ يادرو تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كورېيە قوراللىق قىسىمى بىلەن ئامېرىكا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش دەۋرىدە چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېننى قەستلەپ ئۆلتۈرىدىغان ئالاھىدە ئەتىرەت قۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كورېيەنىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كورېيە ئارمىيەسى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمىغا تەقلىد قىلىپ، ئالاھىدە بىرىگادا قۇرۇپ چىقىدۇ، مەزكۇر بىرىگادا چاۋشيەن يېرىم ئارىلى جەڭ مۇھىتىدا ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالاھىدە بىراىگادىدىكى ئەمەلىي ئەسكەر كۈچى 1000-2000 ئەتراپىدا بولۇپ، ھەربىي ۋەزىيەت جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا مەزكۇر بىرىگادا پىيۇڭياڭغا كىرىپ، يادرو قورالى قويۇپ بېرىش كۇنۇپكىسىنى كونترول قىلىۋالغان چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن ۋە چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىنى بىتچىت قىلىدىكەن


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有