رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرققىي قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىر ھاماقەتلىك

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 12:43:01

يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى پۇتىننىڭ تىرامپنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىغا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان تىرامپ 7 كۈن ئىچىدە تىۋىتىردا 6 قېتىم سۆز قىلىپ، بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تىۋىتىردا قارا ھەم چوڭ خەتلەر بىلەن مۇنۇلارنى يازغان: رۇسىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىر ھاماقەتلىك، خاككېرلارنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق.

بىراق تىرامپنىڭ بۇ ئاقلاش سۆزىدىمۇ زىدىيەت مەۋجۇت، تىرامپ ئاقساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەن پۇربوس 8-يانۋار تىرامپنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقى توغرىسىدىكى باھاسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، تىرامپنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىدىن بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ھەمدە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق تىرامپ 7-يانۋار ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خاككېرلارنىڭ سايلام نەتىجىسىگە قول تىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى قولغا چۈشۈرمىگەنلىكىنى، بېلەت تاشلاش ماشىنىسىنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئورگان تور بېكىتىدە زور بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن ئامىلى ساقلانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有