ئامېرىكا كورىيەگە ئاپاچى بەلگىلىك 24 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇرۇنلاشتۇرىدىكەن

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 12:18:02

يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كورىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە 24 دانە ئاپاچى بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان.

كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسلىدە ئاپاچى بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلاننى پىياڭزىكتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان، بىراق بۇ ھەربىي بازا رېمونت قىلىنۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى كورىيە ئارمىيە تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاپاچى بەلگىلىك بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئاۋال ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىۋاندىكى بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىياڭزىكتىكى بازا رېمونت قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ بازىغا يۆتكەپ كېلىشنى قارار قىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有