ئامېرىكا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ياساپ چىقىدۇ

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 11:59:36

يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ياپونىيە دىپلوماتلار تورىدا 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە جەمئىيتى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇزۇن سېتىۋېلىش مۇساپىسىدە كولۇمبىيە دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ياساپ چىقىش توغرىسدىكى قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئامېرىكىدىكى كېمىسازالىق كارخانىسىنىڭ ھازىردىن باشلاپ تارىختىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىممەت، ئەڭ كۈچلۈك، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى لايىھەلەش، پىلانلاش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە جەمئىيىتى مۇنداق دېگەن: يېڭىدىن ياسىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈپ چىققاندىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 171 مېتىر، كەڭلىكى 13 مېتىر، سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ 810 توننىغا يېتىدۇ. بۇ سۇ ئاستى پاراخوتى ھازىر ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوخىئو دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىدىن خېلىلا چوڭ، يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئۆمرى 42 يىل.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有