چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىمىز

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-09 10:58:13

يەر شارى تورى 9-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چاۋشيەننىڭ ھەر ۋاقىت قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر شۇ كۈن ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلسىلا، ئامېرىكا ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ.

كارتېر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ناۋادا تەكشۈرۈشتە چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بىز ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەھدى سالىدىغانلىقى ئېنىقلانسا، ئۇنداقتا بىز ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىمىز، پەقەت چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت سالغان ئەھۋال ئاستىدىلا بىز توسۇش تەدبىرىنى قوللىنىمىز. چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى قوغداشقا پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويدۇق.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有