تىرامپ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-08 08:58:47

شىنخۇا تورى 8-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى پىرىتىزكېر 6-يانۋار ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەل قىلىپ، يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ سودا ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

پىرىتىزكېر ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىغا بېسىلغان مەخسۇس زىيارەت ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ناۋادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭى تاموژنا بېجى ئالسا، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالىدۇ، دېگەن ئىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم قاتتىق قول مەيدانى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنىڭ چېگراسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىگىلىشى كېرەك.

پىرىتىزكېر يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپنىڭ «جۇڭگو ئامېرىكىدىكى ئىش ئورنىنى ئوغرىلاپ كەتتى» دېگەن ئەيىبلەشلىرى بەكلا يۈزى پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇ دەرىجىدە يامان ئەمەس، ئۇنداق بولمىسا شۇنچە كۆپ ئامېرىكا كارخانىسى يەنىلا داۋاملىق جۇڭگودا سودا قىلىشىنى ئۈمىد قىلمىغان بولاتتى.

پىرىتىزكېر ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىگە ئەسكەرتىش بېرىپ مۇنداق دېگەن: سودا قورۇقچىلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا كەلگۈسى تۆت يىلدا يەر شارىدىكى 1-ئۇرۇندا تۇرىدىغان چەتئەللىكلەر مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت تۇپراق بولالماي قالىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有