ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-07 09:48:55

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

6-يانۋار كۈچلۈك شىۋىرغان ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن تاشيوللار تاقىلىپ، تۆمۈر يول قاتنىشى توختىتىلدى، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلدى، ئاز دېگەندە بەش ئادەم بۇ قېتىمقى شىۋىرغان ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلدى، 17 ئادەم يارىلاندى.

ئامېرىكا قوشما شىتات ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە، كۈچلۈك شىۋىرغان پولشادا 5 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەم قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ ئادەم كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

سېربىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 2 مېتىرغا يەتكەن، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر نىشتا ئاز دېگەندە 17 ئادەم شىۋىرغا سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھادىسىلەردە يارىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 6 ئۆسمۈر بار ئىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有