ھىلارى نىيۇيورك شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر باشلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

مەنبە: جۇڭگو ئاخبارات تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-07 09:20:22

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئۇنىۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى گەرچە 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ، ئۇ نىيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ھازىرقى شەھەر باشلىقى بېلدى بىلېسيونىڭ 4 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىلېسىيونىڭ قوللاش نىسبىتى تۇراقسىز بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە بىر قەدەر ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋېتىپتۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھىلارىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا پايدىلىق ئىكەن. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق دېگەن: ناۋادا ھىلارى سايلامغا قاتنىشىپ قالسا، ئۇ بىر كۈچلۈك نامزات بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق سىياسىي تەشكىلاتى نىيۇيوركتا.

كونسېرۋاتىپ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىلارىنىڭ يادرولۇق قوللىغۇچىلىرى نۆۋەتتە ئۇنىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھىلارى نىيۇيوركتا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ، ناۋادا ھىلارى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، بىلېسىيو دەم ئېلىشقا چىقىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھىلارىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى قوللاش نىسبىتى %79 بولغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • ئوباما :ھىلارى ياخشى زۇڭتۇڭ بولالمايدۇ

    ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۈگۈن مۇنداق دېدى :ئەگەر سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى كېلىنتوننىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش ئويى بولسا ،ئۇنداقتا ئۇ ياخشى زۇڭتۇڭ بولالمايدۇ ،ئۇ دۆلەت كاتىپى بولغاندىن بۇيان ،بىز ئىنتايىن يېقىن دوسىتلاردىن بولۇپ قالدۇق ئەلۋەتتە مەن...

  • ھىلارىنىڭ تەخىتكە چىقىشىدىكى تۆت چوڭ باش ئاغرىقى

    ئامېرىكىنىڭ سابىق1-خانىمى ،سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى يېقىندا ئېلان قىلغان« تاللاش»ناملىق كىتابىدا 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىغان ھىلارىنىڭ %65 لىك ئەل رايى قوللاش نىسبىتى بىلەن دېمكۇراتلار پارتىيەس...

  • ھىلارىنىڭ تەختكە چىقىشىدىكى تۆت چوڭ باش ئاغرىقى

    ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى يېقىندا ئېلان قىلغان «تاللاش» ناملىق كىتابىدا 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ھىلارىنىڭ %65 لىك ئەل رايى قوللاش نىسبىتى بىلەن دېموكراتلار پ...

  • ھىلارى ئاسىيا ۋەزىيىتىنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرغان

    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلمىغا قاتنىشىدىغان دېمكۇراتلار پارتىيەسىدىن بولغان نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،يېقىندا «مۈشكۈل تاللاش »ناملىق تەرجىمالىنى نەشىر قىلدۇردى ،بۇ تەرجىمالىدا ئۇنىڭ ئوباما تۇنجى نۆۋەت ۋەز...

  • ھىلارىنى كىم توسۇپ قالالايدۇ ؟

    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى 2013-يىلى فېۋرالدا دۆلەت كاتىپىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ،ئاۋام ئۇنىڭ 2016-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى ھىلارى 14-سىنتەبىر ئىئوۋا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن د...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有