پۈتكۈل ئالەمدە زادى قانچىلىك تاشقى پىلانېت ئادىمى بار؟

مەنبە:

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-06 13:16:34

گەرچە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن يەر شارىدىن سىرتقى مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرى ئاللىقاچان تاشقى پىلانېت ئادىمىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭغا قارىتا، چەتئەل ئالىملىرى يەنە مۇنداق دەيدۇ: تاشقى پىلانېت ئادىمى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاز ئەمەس.

ئالدى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈش بولۇپ، لېكىن ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەس. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىز ياشاۋاتقان بۇ سامانيولى سىستېمىسىدا، 20 مىليارد دانە سەييارە تۈرىدىكى جىسىم بار بولۇپ، بۇ ساننىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ.

بۇ سەييارىلەرنىڭ ھەممىسىدە ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش شەرتى بار، تاشقى پىلانېت ئادەملىرى ئىنسانلار تېخى تەتقىق قىلىپ باقمىغان بۇ سەييارىلەردە ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. سامان يولى سىستېمىسىغا ئوخشاش يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ نەچچە مىلياردقا يېتىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز شۇنى جەزملەشتۈرۈپ ئېيتالايمىزكى، ئالەمدىكى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە ئاز ئەمەس، پەقەت ئىنسانلار نۆۋەتتە ئىزدىنىشكە ئامالسىز خالاس! مۇتەخەسسىسلەر يەنە نوپۇسنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە شۇكى، ئاز دېگەندە 1 مىليون دانە ئوخشاش بولمىغان شەكىل، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تاشقى پىلانېت ئادىمىبۇ ئالەمدەساقلانغان، ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ شارىسىدا ياشاۋاتىدۇ ھەمدە ئۇلارمۇ سىرتقى دۇنيا توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، پەقەت نۆۋەتتە تېخى بۇ خىل تېخنىكا شارائىتى يوق خالاس.

بىز كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، يەر شارىنىڭ بەلكىم ئالەم ئىچىدىكى بىر بېكەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ھەرخىل تاشقى پىلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا كېلىپ، بىز بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئىنسانلارمۇ يەنە كىچىك ئەترەتلەرنى يەر شارىدىن سىرتقى مەدەنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有