بايدىن: تىرامپنىڭ چوڭ بولىدىغان ۋاقتى كەلدى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-06 12:15:15

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپقا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «تىرامپنىڭ چوڭ بولىدىغان ۋاقتى كەلدى». فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئاممىۋى تېلېۋىزىيە تورى بايدىندىن، تىرامپنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان پىكىر بايان قىلغانلىقى ۋە تىۋىتتېرغا شۇ توغرىسىدا يازما ئېلان قىلغانلىقىنى سورىغاندا، بايدىن ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرغان.

بايدىن: «چوڭ بولۇڭ تىرامپ، چوڭ بولۇڭ، چوڭ بولىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى، سىز دېگەن زۇڭتۇڭ، قانداق ۋاقىتتا قايسى ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىڭ، ئىقتىدارىڭىز بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىڭ»دېگەن، بۇ زىيارەت ئامېرىكىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-يانۋار قويۇلغان.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، تىرامپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ داھىيلىرىنى «بىرىنچى دەرىجىلىك ھەييارلار»دەپ سۈپەتلىگەن.

بايدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن: «ئوباما 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەزىپىسىدىن بوشىغاندىن كېيىنمۇ،تىرامپ سىياسىي تالاش-تارتىش مەيدانىدىن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشمايدۇ»دېگەن. بايدىن يەنە دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىكى ھەرىكىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە ئۇلارغا ئىشچىلار تەبىقىسى بىلەن ئوتتۇرا تەبىقىسىگە قايتىدىن دىققەت قىلىش تەكلىپى بەرگەن.

بايدىن ئامېرىكا ئاممىۋى تورىغا: «ئۇنىڭ نېمىنى قوللايدىغانلىقى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقى، بىزنىڭ نېمىنى قوللايدىغانلىقىمىز ۋە نېمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز كەلگۈسى ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدەك ئاشكارىلىنىدۇ»دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل باھالاش سادالىرى توختىماي جاراڭلىماقتا، ھەتتە بەزىلەر ئۇنى ئۆزىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ دېگەن، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ دېگەن، مەيلى قانداق بولسۇن، دىراماتىك ئارقا كۆرۈنۈشتە تىرامپ شۈبھىسىزكى قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بىر خىل تەرىقىدە مەيدانغا كەلگەن زۇڭتۇڭدۇر، ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى دۇنيا كۆپلىگەن ئېنىقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有