پاكىستان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنى قوغداش ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوت ياساۋاتىدۇ

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-05 16:07:05

يەر شارى تورى 5-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوت ياساشنى باشلىۋەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. پاكىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا جۇڭگو پاكىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگومۇ پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب دېڭىزى ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز رايونىدا نېفىت توشۇشىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ «ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسى» مۇنداق دېگەن: بۇ جەھەتتە جۇڭگو نۆۋەتتە پاكىستان بىلەن «ئەزىمەت» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوت تېخنىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا مۇداپىئە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توردا ئېلان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوتنىڭ ياسىلىش ئەھۋالى سۈرىتىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوت «ئەزىمەت» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق پاراخوتقا قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا ۋەيران قىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有