2017-يىلى، بۇ توققۇز چوڭ ئىش پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-04 15:32:29

يانۋاردا: ترامپ 20-يانۋار رەسمىي ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ. ئاق سارايغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مارتتا: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا ئەنگلىيەنىڭ 2017-يىلى مارتنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى«لىسبون شەرتنامىسى»نىڭ 50-ماددىسىنى ئېلان قىلىپ،مۆلچەر ۋاقتىئىككى يىل بولغان ياروپادىنچېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنى قوزغىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا: «ئىسلام دۆلىتى(is)» «پايتەختى» رەققەنى چۆرىدىگەن ئۇرۇش باشلىنىشى مۇمكىن.

ئاپرېلدىن مايغىچە: فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئوڭ قانات پارتىيە ــ«مىللىي فىرونت»نىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مارىنا لېپېن توسۇپ قېلىنامدۇ-يوق، ھەممەيلەن بۇ نۇقتىغا كۆز تىكمەكتە.

مايدا: ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ، غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار ئىقتىسادىي جازالارنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئىران تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدۇر.

ئامېرىكا فدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كۆپ قېتىم ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈمپىرسەنتى ۋە نېفىت باھاسىدىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي ئامىلى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىشى مۇمكىن.

2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۈركىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدەكۆپچىلىكتىن پىكىر ئالىدۇ، ئەردوغان ئۇلۇغۋار غايىسىنى ــ مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى تۇتقان زۇڭتۇڭ بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

2017-يىلى كۈزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتاينى ئاچىدۇ.

سېنتەبىردە: گېرمانىيە چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ، ھازىرقى زۇڭلى مېركىل يەنە بىر قېتىمزۇڭلى بولۇشقا تىرىشىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有