رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى %100 مۇئەييەنلەشتۈرىمىز

مەنبە: خەلقئارا لىنىيە تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-04 11:35:47

خەلقئارا لىنىيە تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى يوھان كېربى نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قول تىققانلىقىنى %100 مۇئەييەنلەشتۈردى.

كېربى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شۇنىسى ئېنىقكى، رۇسىيە ھەقىقەتەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە «گۇمان ۋە قالايمىقانچىلىق ئۇرۇقى» چاچتى ھەمدە تور ھۇجۇمى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتتى، بۇ پەقەت زۇڭتۇڭ ئوباما، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ۋە باشقا ئىچكى كابىنېت ئەزاسىنىڭ باھاسى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئاخبارات ساھەسىنىڭ خۇلاسىسى.

ئەمما ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپ بۇ خىل باھالارغا گۇمانىي پۇزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تىرامپ مۇنداق دېگەن: ناۋادا رۇسىيە ۋە باشقىلار تور ھۇجۇمى قوزغىسا، ئاقساراي نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ ئاندىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھىلارى سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ 3 كۈندىن كېيىن يەنە سۆز قىلىپ: ناۋادا سىلەر خاككېرلارنى نەق مەيداندا تۇتالمىساڭلار ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشى چوقۇم تەسكە توختايدۇ، سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرلارنى سايلامدىن بۇرۇن ئېلان قىلمايسىلەر؟ دېگەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有