ئامېرىكا خەلقى تىرامپقا قانچىلىك ئىشىنىدۇ؟

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2017-01-03 16:05:37

يەر شارى تورى 3-يانۋار خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گاللوپ ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت يېرىمغا يېقىن ئامېرىكا پۇقراسىلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان تىرامپنىڭ دۇنيا كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقى ھەمدە ھەربىي كۈچلەردىن ئاقىلانلىك بىلەن پايدىلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %46 زىيارەت قىلىنغۇچىلا تىرامنىڭ خەلقئارا كىرىزىستا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، %47 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئاقىلانىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا %55 زىيارەت قىلىنغۇچى تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %59 ئادەم تىرامپنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما تىرامپنىڭ پارلامېنت بىلەن بىرلىككە كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار %60 بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە تىرامپنىڭ بۇ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئوبامانىڭكىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكى، كىلىنتون ۋە كىچىك بوشنىڭكىدىن سەل يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئەلرايى تەكشۈرۈشى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتتىكى 18-ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان 1000 ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有