دۇتېرت فىلىپپىن ئارمىيەسىگە جەنۇبىي دېڭىزدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-31 17:25:11

يەر شارى تورى 31-دېكابىر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلپپىن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت فىلپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىدىن ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان جاينى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سىرتىدىكى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: دۇتېرىت دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تۇيۇقسىز جۇڭگوغا يۆتكىگەندىن كېيىن، فىلىپپىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكچىسى، ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش سانىنى ئازايتتى.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لولىنزانا 30-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: زۇڭتۇڭ دۇتېرت ماڭا مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان باشقا جاي تېپىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۇنداق بولغاندا قوشنىمىزنى ئاچچىقلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بىز جەنۇبىي دېڭىزغا يۈزلگەنگەن مانېۋرى رايونىنى مىنداناۋ رايونىغا يۆتكىشىمىز مۇمكىن. بىز قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئۇسۇلىمىزغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有