ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مەنبە: يەر شارى تورى

تەھرىر: ablimit

يوللانغان ۋاقتى: 2016-12-31 17:15:25

يەر شارى تورى 31-دېكابىر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

29-دېكابىر ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو مۇنداق دېگەن: يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۇكرائىنادا 6500 قېتىم تور ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ تور ھۇجۇملىرى ئاساسلىقى ئۇكرائىنادىكى بەش ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە 31 دۆلەت ئاخبارات سىستېمىسىغا قارىتىلغان. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، بۇ تور ھۇجۇملىرىنىڭ رۇسىيە بىخەتەرلىك تارمىقى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار. پوروشىنكو يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇكرائىنا تەرەپ يەنە مۇنداق دېگەن: 12-ئايدا ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت غەزىنىسى سىستېمىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. كيېۋنىڭ ئېكېلتىر تورىمۇ خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى دۆلەت ئورگانلىرىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشنى تەستىقلىدى. ئەمما خەۋەردە ئۇكرائىنانىڭ زادى قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانمىغان. رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有