كولۇمبىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى ئىككى پۇتبولچى ئامان قالدى

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-29 16:23:13

شىنخۇا تورى 25-نويابىر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئۇنىۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، برازىلىيەنىڭ 81 ئادەم چىققان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كولومبىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مېدېللىن ئەتراپىدىكى تاغلىق رايوندا چۈشۈپ كەتكەن، ھازىرغا قەدەر خېلى كۆپ ئادەم ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرازىلىيە Chapecoense پۇتبول كۇلۇبىنىڭ توپچىلىرىمۇ بار ئىكەن. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىنچە توختاتقان، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىندورو دىمىنگېزمۇ مېدېللىن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە يارىلانغان 6 ئادەم تېخى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، Chapecoense كۇلۇبىنىڭ 10-نومۇرلۇق توپچىسى، پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى ئاللان رۇسچېل دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. تېخى راستلىقى دەلىللەنمىگەن يەنە بىر ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كۇلۇبنىڭ 31 ياشلىق ۋاراتارى دىنېلومۇ ھايات بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有