ئامېرىكىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز

مەنبە: شىنخۇا تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 21:39:29

شىنخۇا تورى 10-نويابر خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابلىمىت تەرجىمىسى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 7-نويابر مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز.

زاخاروۋا «بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قاتتىق قول، مۇتىھەملىك سىياسىتىنى قوللاندى، بۇ خىل ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ.

زاخاروۋا يەنە مۇنداق دېگەن: رۇسىيە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان يېڭى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتىگە باغلىق. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىىياسىتىنىڭ بىر ئۆلۈم يولى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇش بىلەنلا نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ماسلىشىشىغا مۇھتاج، رۇسىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى سۆزلىشىش قانچە قۇرۇلۇش خاراكتېرىگە ئېگە بولغانسېرى، خەلقئارا ۋەزىيەت شۇنچە مۇقىملىشىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有