تىرامپ كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن

مەنبە: كۆزەتكۈچى تورى

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-10 18:43:58

كۆزەتكۈچى تورى 10-نويابر خەۋىرى: باغداش تورى تەرجىمىسى

11-ئاينىڭ 9-كۈنى ترامپ ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە ھىلارىنىڭ ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا ئويلىمغان يەردىن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى، بۇنى پەقەت ئامېرىكا ئاممىسىلا قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ بۇ ئىشتىن تاسىدىبىيلىق ھېس قىلدى.

ئۇنىۋېرسال تاراتقۇلارنىڭ 10-نويابردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يېڭى زۇڭتۇڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كورىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىپ كورىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ترامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى پاك گيۇنھىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ كورىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ كورىيە ئاممىسىغا تەسەللى بېرەلمەيدۇ، كورىيە مەركەز گېزىتىنىڭ 10-نويابردىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: پاك گىيۇنھىنىڭ ئۆزنىڭ يېقىن ئادىمىنى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشتۇرغانلىق ۋەقەسى كورىيە سىياسى ساھەسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇنىڭغا ترامپنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى قوشۇلۇپ كورىيە جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئىچكى، تاشقى كرىزىسقا دۇچ كەلدى.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有